بەرگىيە: گۈلزارلىقتا يېتىم بوپ گۈللەر،بەرگىلىرى توزىدى بىردىن.

  • بىر ئاجىز ئۈمىدكە ئېسىلىپ جېنىم،

    سېغىنار،سېغىنار سېنى ئۆلگىدەك

  • چۈشەنمىدى سېنى ئادەملەر،                              

    يازما بەرگى ئېيتمىغىنە زار!!

     

    گۇڭگا تۇيغۇ قەلەمدىن سىرغىپ،

     

    ئۆز قەلبىڭگە بېرىدۇ ئازار.)

  • سانسىز ئازاپ لەشكەرتارتىدۇ،

     

    ناتىۋاننىڭ يۈرىكىگە ئوقيا ئاتىدۇ.

  • ھەممە يالغان دەيدۇ چىرقىراپ

    بۇ دۇنيادىن سوۋۇغان كۆڭۈل.

    نەپسانىيەتچىلىك پۇل–مالدىلا ئەمەس،

    دەيدۇ بېشىنى چاڭگاللاپ

    توي كېچىسى ماتەم بەلگىسى

    ئاق كىرلىككە ئېرىشكەن ئوغۇل

  • چالا قالدى ئىستەكلىرىمىز،

    سۇنالمىدىم ھەتتا بىر تال گۈل.

    سەنسىز مەنا تاپمىدى ۋاقىت،

    كۆپ نەرسىدىن سوۋۇدى كۆڭۈل

  • يۇلتۇزلارغا قولۇمنى سۇنۇپ،

    زەررە يورۇق تىلەپ يۈرۈمەن.

    شىپىرلىغان ھەر بىر تىۋىشتىن،

    توۋا،سەندىن قەدەم كۈتۈمەن

  • قەلبىڭنى يىرت دىدىڭ مىڭلارچە ئەپسۇس ،
    نە زامان ياماقمۇ  قالمىدى بۇندا .
    مۇڭ بىلەن سايرىدى بىر قۇچقاچ بۈگۈن،
    ئۇنتۇش ۋە ئۇنتۇلۇش چېگرىلىرىدا

  • مەن بەلكىم ئۇنتۇلغان دۇنيا..
    مەن بەلكى  ئۇنتۇلغان بىر چۈش.
    تىلەيمەن ساڭا باھار،
    سەندە زىمىستان بولمىسۇن قارا قىش

  • مەيلى سەن ئۇنى سۆي،ئۇ ھەم باشقىنى،
    بۇ ھايات سۆيگۈسى تۈگىمەس سۆيگۈ.
    چەمبەرنىڭ ئىچىدە لىققىدە ئادەم،
    كۈيلەركەن مۇھەببەت كۈيىنى مەڭگۈ.

  • [نىگار] 


    ئىھتىمال ئۇنتۇلدۇم قەلبىڭدىن تامام،
    ئۇنتۇلدى بۇ دۇنيا،ئۇنتۇلدى سۆيگۈ.
    "خەيىر"مۇ دىيىشكە بارمىدى تىلىڭ،
    پۇچۇلغان يۈرەكتىن ھىس قالدى ئىزگۈ.
     
    ئۇنتۇلدى ئىھتىمال شېرىن پىچىرلاش،
    نازلىنىپ بىر ساڭا كۈلگەن شۇ كۈلۈش.
    سەن مەنسىز خوش بولۇپ ئۆتسەڭ مەيلىغۇ،
    مەن سەنسىز ياشاشتىن خالايمەن ئۆلۈش.

  • [نىگار]

    سېنى يىغلاتقان كىم؟دەپ كۆز ياشلىرىمنى سۇرتۇشكھ قولۇڭنى ئۇزاتمىغىن،...مەن ساڭا ئۆچ 

    گۈللۈكلەردە ئۇچۇپ يۇرگەن رەڭدار كېپىنەكلەرنى ماڭا ئوخشاتمىغىن،مەن گۈلدىن-گۈلگە قونۇدىغان  ئۈجمە كۆڭۈل كېپىنەكلەرگە ئۆچ...
     
    مېنى ئايغا ئوخشايسەن دىمىگىن،ئاينىڭ يۈزىدىكى داغ ئۇنىڭ قايغۇ-ھەسرەتلىرىنىڭ شاھىدى،مەن يۈرىگىمگە داغ سالغان ساڭا ئۆچ...
     
    مېنىڭ كۈلكەمگە بەك ئامراق ئىدىڭ،بىراق مېنى كۈلدۇرمەي يىغلىتىش ئۈچۈن بېلىڭنى مەھكەم باغلاپسەن،...مەن ساڭا ئۆچ...

  • [نىگار ] 
    مۇھەببەتلىك يۈرەكتىن ئۇرغۇپ،
    چىقار ئىكەن لاۋا-ئوت تەپتى.
    چوڭقۇر بەخىت بۆشۈكىدە بىز،
    كۈلەر ئىدۇق غەمسىز شوخ سەبى.
     
    ئوت باغرىڭغا تارىتقاندا مېنى،
    مەن تارتىنىپ-تارتىنىپ تۇرۇپ.
    سىڭىپ كېتەركەنمەن باغرىڭغا،
    تىپچەكلىگەن ھىسنى يۇشۇرۇپ.

  • گاھ يىغلاپ گاھ كۈلگەن شېئىر قوينىدا،
    يۈرىمەن ئېزىققان مىسرا قۇچاقلاپ.
    كېچە-تۈن تون يايغان ئۇيقۇ پەرىسى،
    گاھ گۈزەل چۈشلەردىن كۈلەر چۈشەكەپ.
     
    ھاياتلىق بېتىدە رەڭدار سىزىقلار،
    تورلىشار كۆزلىرىم كۆرەلمەي ئېنىق.
    مەن گويا مەي ئىچكەن ئۆتەڭدە قونۇپ،
    نىشانسىز يولۇچى سىياقىم قېنىق.

  •  

    [نىگار]
    قىز ئەينەك ئالدىغا كېلىپ چۆچۈپ كەتتى.قىزنىڭ ئاق-سۈزۈك يۈزلىرى تاتارغان.يىغىدىن،ئۇيقۇسىزلىقتىن قىزارغان كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ تېخىمۇ يوغان كۆرۇنۇپ كەتكەن ئىدى.بۇ ئەتە تويى بولىدىغان،شېرىن مۇھەببەتلىك ۋىسال دەملىرىنىڭ قىزلارنىڭ چىھرىدىكى رەڭلەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ،تەبەسسۇملارنىڭ سىھرى تېىىمۇ ئاشقان،بەخىتكە چۆمۈلگەن گۈزەل چىھىر ئەمەس ئىدى.نىمىشقا؟ ..ئەتە تويى بولۇدىغان بۇ قىزچاقنىڭ گۈل يۇزلىرى نىمانچە سۇلغۇن؟شەھلا كۆزلەرنىڭ ئەتراپىدىكى قاراۋۇل كەبى تال-تال كىرپىكلەر نىمىشقا ياشتىن جۇپلەشكەن؟...
    ئىھ قىزچاق،ئەسلىدە سەن بۇ يىغىلار ئورنىغا كۈلگەن بولساڭ،جانان چىنە جىرىڭلىشىدەك نازلىق كۈلكەڭ يۈرىكىڭنى ياشارتىپ چىھرىڭنى نۇرلاندۇرىشى كېرەك ئىدى. بىراق سەن؟؟

  • مۇھەببەت قوشىقى يازماسمەن ئەسلا،

    تۆكمەسمەن دەردىمنى يۇلتۇزغا قاراپ.

    جىمىرلاپ كۆز قىسىپ تۇرغىنى بىلەن،

    كىم بىلەر،يۇلتۇزدا چاقنىسا ئازاپ.

     

    كۈلۈپلا يۈرگەننى بەخىتلىك دىسە،

    تارتىشقان لەۋلەرنىڭ ئازابى يوقمۇ؟

    بىر ئاچچىق كەچمىشتە تىترىگەندە تەن،

    زىناقتا تەبەسسۇم تەندە يوق روھمۇ.

  • ئىھ ناتونۇش يوللار7

    ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىككى مىھماننى كۈتۈۋالدى.بۇ ئىككىلا مىھمان ئۇنىڭ قەلبىدىكى نەچچە يىللاردىن بېرى كۆمۈلۈپ ياتقان ۋىجدانىنى ئۇيغىتىش ئۈچۈن بار ئاماللىرىنى ئىشقا سېلىشقا تەرەددۇتلەنگەندەك قىلاتتى.
    رەڭدار چىراقلار سۇس يورۇتۇپ تۇرغان قەھۋەخانىنىڭ ئىككى كىشىلىك ئايرىمخانىسىدا بىر-بىرىگە روبىرۇ قارىشىپ ئولتۇرغان قىز-يىگىت ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا جىمجىتلىق ھۆكۈمران.قىز خىيالچان كۆزلىرى بىلەن يىگىتنىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىدىكى ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ ئىپادىلىرىنى تاماشە قىلىۋاتقاندەك پەرۋاسىز ھالەتتە ئالدىدىكى قەھۋەسدىن ئوتلاپ قويۇپ ئولتۇراتتى. يىگىت بايىلا قىز بىلەن جىددى،كەسكىن ھالدا بولغان پاراڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي،قىزغا دىگەن گەپلىرىنىڭ قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەڭسەپ بولالمىغان ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا چۆمگىنىچە تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ ئولتۇراتتى.
    _ماڭا دەيدىغان باشقا يەنە گېپىڭىز بارمۇ؟_قىز جىمجىتلىقنى بۇزدى.

  • ئىھ ناتونۇش يوللار 5

    بىرسى رامىلەنىڭ ئېغىز-بۇرنىنى تۇتۇۋىلىپ گېلىدىن بۇغۇشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى.ئۇ ۋارقىرىماقچى بولاتتى.لېكىن ئاۋازىنى چىقىرالمايىتتى،تولغىناتتى،ئۇنى ئېغىر بىر نىمە بېسىۋالغاندەك بولۇپ مىدىرلىيالمايىتتى.ئۇنى قارا باسقان ئىدى.ئۇ چۆچۈپ ئورنىدىن قوپماقچى بولغىنىدا ئۇنى راستىنلا بىر ئېغىر گەۋدە بېسىۋالغان ئىدى. ئۇ ۋارقىرىماقچى بولىۋىدى ئاغزىنى يوغان بىر قول مەھكەم تۇتۇۋالدى.ئۇ مىدىرلاي دەپ مىدىرلىيالمايىتتى،ۋاقىراي دەپ ۋاقىرالمايىتتى..كۆزلىرىدىن ئەلەم ۋە خورلۇق ياشلىرى تۆكۈلۈۋاتاتتى....
    رامىلە ئۇزۇن ياتتى...ئۇ نەپرەتلەندى...پۇتۇن دۇنيادىن،كىشىلەردىن نەپرەتلەندى..قەلبىدە چوڭقۇر ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەت يالقۇنلىرى لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.ئۇ زادى نىمىنى خاتا قىلدى؟نىمە قىلغىنىغا بۇنچە خورلۇق تارتىدۇ؟ئۇ سەمىمى پاك بىر قىز ئىدى.

  • قەدىم چىغىر يول،ئۇ توپىلىق يول،
    سۈكۈتلەرنى باغاشلىغان يول.
    ئۇنىڭدا يوق بۇلبۇل ناۋاسى،ھەتتاكى قۇشقاچ ۋىچىرلىشىمۇ،
    ئۇنىڭدا يوق كۈلكە ساداسى
    ئاھ..يوق..يوق..مەڭگۈ بىللە بولۇشقا ئەھدە قىلىشىپ،
    قەسەم بىرلە چىڭ سىقىلغان قول.
    قەدىم چىغىر يول...
    بىر چاغلاردا ئايدىڭ كېچىدە،
    جۇپ گەۋدىلەر گۇۋاھچىسى ئۇ.
    ئۇ چاغ كۈلۈپ چىققان ئاي نۇرى،

  • كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ يىراققا،

    نەم توپىدا ئىڭرىدى بىر جان.

    سوغ ھوجرىدا ھەسرەت قۇچاقلاپ،

    زىمىستاندا ھوۋلىدى جاھان.

     

    تېپىرلىغان يۈرەك تىۋىشى،

    بىر ئۆكسۈشكە يول بەردى قاچان.

    قارا رەڭنى تۆككەندە كېچە،

    يالغۇزسىراپ يىغلايدۇ ئىنسان.

  • ئابتۇبۇس بىر خىل ئىلگىرلىمەكتە.....
    بېشىنى ئابتۇبۇس ئەينىكىگە تىرىگىنىچە خىيالچان كۆزلىرىنى سىرىتتىكى ئۆزىگە تۇنۇش يېشىل مەنزىرىلەرگە تىكىپ يول بويى بىر دەقىقە كۆزىنى يۇمماي كەلگەن رامىلەنىڭ يۈرىكى بىر خىل تەقەززالىق،سېغىنىش ببىلەن تېپىرلايىتتى.شۇنچە تېز مېڭىۋاتقان ئابتۇبۇس ئۇنىڭغا گويا مىسىلداپ مېڭىپ ئەتتەي يولنى ئۇزارتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. ئانا يۇرىت مىھرى ئۇنىڭ پۇتۇن سېزىملىرىنى ئۇيغىتىپ يۈرىكىدە ئۇزۇندىن بېرى بېسىلىپ قالغان ھاياجانلىق ئىستەكلەرنى چاپچىتماقتا.......
    بۇ شەھەردە ئۇنىڭ ھىچنىمىسى يوق.ئاتا-ئانىسى باشقا ۋىلايەتكە يۆتكىلىپ كۆچۈپ كەتكەن.ئۆزى ئەقىدە باغلاپ تۇنجى تۇيغۇلىرىنى بېغىشلىغان مۇھەببىتى يېڭى تۇغۇلغان ئوغلى ۋە نەۋرە سىڭلىسى بولمىش ھازىرقى ئايالى زەبىنۇرغا ئىگە بولمىسا بولمايدۇ.ئۇ بۇنى ئۆزىنى ئۈرۈمچىگە ئىزدەپ بېرىپ كۆرۈشكەن،سىرداشقان ئاشۇ كېچە ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن.

  • ئىھ ناتونۇش يوللار 3

    ئىھ مۇھەببەت،سەن نىمانچە سىرلىق،نىمانچە قۇدرەتلىك..
    سېنىڭ سىرلىقلىقىڭ بىر-بىرىنى بىرلا كۆرۇپ كۆيۈپ قېلىشىپ ئەبەدىي سەۋدايىلارغا ئايلىنىپ ئىسمىنىمۇ بىلىشكە مۇيەسسەر بولالماي بىر ئۆمۈر قەلبىدىكى كىشىسىنىڭ سىماسىنى ياد ئېتىشلەردە ئىپادىلەنسە قۇدرىتىڭ تىلسىزلارغا تىل،ئەمالارغا كۆز ئاتا قىلغان كەبى مىجەز- خۇلىقلارنى ئۆزگەرتىۋىتىشلەردە ئىپادىلىنىدىكەن.
    رامىلە ھازىر بۇرۇنقى كەمسۆز،خىيالچان رامىلە ئەمەس.كۈن-كۈنلەپ بېشىنى كۆتۈرمەي كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرسىمۇ ياتاققا كەلگەن تېلىفۇن جىرىڭلاپ چىرقىراپ كەتسىمۇ قوپۇپ ئۇنى ئېلىشقا ئېرىنىدىغان رامىلە ئەمەس ئىدى.ئۇ شۇ قەدەر كۈلگۈنچەك،چىھرىدە بەخىت كۈلكىلىرى ھەر دەم پارلاپ تۇرۇدۇ.ياتاق تېلىفۇنى جىرىڭلاپ بولغۇچە ئۇ ئۇستۈنكى كارۋىتىدىن سەكرەپ-دۇمىلاپ دىگۈدەك چۈشۈپ تېلىفۇنغا يۈگرەيدۇ.باشقىلارغا كەلگەن تېلىفۇن بولسا ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ دومسايغان ھالدا ئىگىسىنى چاقىرىدۇ.ئۆزىنىڭ تېلىفۇنى يەنى ئۇ ھەر دەم ئاۋازىنى ئاڭلاپ قانمايدىغان،قەلىب ئېتىزىغا تۇنجى مۇھەببەت ئۇرۇقىنى تېرىغان،ئۇنىڭ ئېغىر مىجەزىنى ئۆزگەرتىۋىتىشكە سەۋەپ بولغان ئاشۇ ئادەمدىن كەلگەن بولسىغۇ بولدى قىزلارنىڭ "ھەي ياتاق تېلىفۇنىنى سەن كۆتۇرە ئېلىۋالمىغانسەن؟

  • ئىھ ناتونۇش يوللار4

    ئەركىن توي قىلدى. ئۇ كۈتۈشلەرگە خاتىمە بەردى. ئۇ ئاخىرقى رەت ئۈرۈمچىگە رامىلەنى ئىزدەپ بارغىنىدا ئوغۇللۇق غورۇرى قاتتىق ئازار يىدى،رامىلە ئەكبەر بىلەن ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ چىقىپ ئۇنىڭغا بۇ يىگىتنى قاتتىق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئۇنى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى،ئۇنىڭ ئۆزىگە قىزىقىشىنىمۇ پەقەت ئۆزى ئارقىلىق يۇقۇرىغا يامىشىش دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ئېيتىپ ئۇنىڭغا قاتتىق ئازار بەردى.ئۇنىڭغا ھەممىدىنمۇ بەك رامىلەنىڭ ئۆز مۇھەببىتىنى خاتا چۈشەنگىنى،ئۆزى ئارقىلىق باشلىق دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا تايىنىپ يۇقۇرىغا ئۆرلىمەكچى دەپ چۈشەنگەنلىگى بەك ئەلەم قىلدى.ئۇ ئاخىرى بۇنداق ئۆتۇۋىرىشنىڭ ئۆزىگە قىلچىمۇ خوشاللىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئاقباش ئانىسىغا ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ تېخىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى.

  • ئىھ ناتونۇش يوللار 2

    شۇنداق قىلىپ قىزغىن كەيپىياتلار ئىچىدە ئولتۇرۇش باشلاندى.سورۇندىكىلەر ئاساسەن بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقان ئىدى. شۇنداقلا بىللە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى "يىگىت-قىز بىر جۇپلەر" دەپ تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. شۇ قاتاردا رامىلەمۇ پەرماننىڭ "جۇپتى'بولۇپ قالغان ئىدى. بۇگۇنكى بۇ سورۇننىڭ يىگىت بېشى پەرمان ئىدى. ئۇ شۇ قەدەر خوشال ئىدىكىن گەپلىرى ئادەتتىكىدىن كۆپلەپ ھە دىسىلا يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن 'پاراققىدە "كۈلكە كۆتۇرگۇزۇپ يىگىتلىرىنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ساھىپجامال قىزلارنىڭ ھەۋەس بىلەن يۇشۇرۇن كۈزىتىشىگە نائىل بولماقتا ئىدى. ئۇ ھەقىقەتەن سورۇندىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى ئىدى.ئەزەلدىنلا پاكىزە،رەتلىك ياسىنىپ يۇرىدىغان پەرمان بۈگۈن تېىخمۇ يارىشىملىق كىيىملەرنى كىيىپ خۇشچاقچاقلىرى،ھەزىل قوشاقلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. بىراق ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان رامىلە نىمىشقىدۇر ئۇنچە ئېچىلالمىدى.

  • ئىھ ناتونۇش يوللار 1

    ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ياتقان يولغا قاراپ تۇرغان كۆزلىرىم تالدى...... 
    _سىز بەخىتلىكمۇ؟
    گاراڭ-گۇرۇڭ ئاۋازدا سىزگە شۇنداق سۇئال تاشلىسام سىز قانداق جاۋاپ بېرىسىز.. ئىھتىمال بەزىلىرىڭىز بېشىڭىزنى چايقايسىز.. بەزىلىرىڭىز بېشىڭىزنى لىڭشىتىسىز،بەزىلىرىڭىز سۇس كۈلۈمسىرەيسىز..يەنە بەزىلىرىڭىز تاتىرىپ تۇرۇپ ماڭا تەئەددى بىلەن تىكىلىلگىنىڭىزچە "ئۆزىڭىزچۇ؟"دەپ قايتۇرما سۇئال قويۇشىڭىز مۇمكىن. مانا شۇ چاغدا بەرگىيە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە قويۇلغان سۇئاللارنىڭ ئەكسىچە "ئىھ ،ناتۇنۇش يوللار" دەپ پىچىرلايدۇ...
    قاراڭ ،ئۇ پىچىرلاپ ئېيىتقان "ناتۇنۇش يوللار" سىزگە بەكلا تونۇش كۆرۇنمىدىمۇ؟؟....

  • يىغلامسىراپ ھەتتا شامالمۇ،

    ئىشىكلەرنى قاقارمۇ ھالسىز.

    ئىسەدىگەن شېئىر مىسراسى،

    قەلىمىمدىن تۆكۈلەر رەتسىز.

  • 无标题_副本

     خۇددى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىگە ئوخشاش جىسمىم لەرزىگە كەلدى. كۆزلىردىن دۇمىلاپ چۈشۈۋاتقان سۈزۈك قەترىلەرنىڭ ئەسلى نىمە ۋەجىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ھەپسىلەم قالمىغان ئىدى.پەقەت بىلىدىغىنىم قىزنىڭ ساپ،غۇبارسىز نازۇك كۆڭلىدە چوقۇم مېنىڭ كۆلەڭگەم مەۋجۇت ئىدى. تىترىدىم،خۇددى كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈۋاتقان ياشلىرىنى توختىتىشقا ئىمكانى يوق ئولتۇرغان ئالدىمدىكى بىغۇبار سۆيگۈ ئىگىسىگە ئوخشاش...قانداق جۇرئەتكىن،قولۇمنى سۇنۇپ ئۇنىڭ يۈزىنى ئالقىنىم ئارىسىغا ئالدىم،ئۆزۈمگە ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ئاۋاز بىلەن «نىمىشقا يىغلايسىز پەزىلەت؟»دەپ ياشلىرىنى سۈرتكەچ ئىشەنچ ۋە مىھىر بىلەن تىترەپ تۇرغان قىزنى قىلچە ئىمكانىيەت قالدۇرمىغان ھالدا باغرىمغا تارتتىم. ئاھ.. شۇ تاپ پۇتۇن دۇنيا مېنىڭ ئىدى.. دۇنيادىكى بارلىق بەخىت مېنىڭ  ئىدى.بۇ بەخىتنى ماڭا باغرىمغا رايشلىق بىلەن باش قويۇپ خۇددى ئازار يىگەن كىچىك بالىدەك ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقان بۇ سىرلىق گۈزەل جەلىپكار قىز بەرگەن ئىدى.ئۆزۈممۇ بۇ بەخىتنىڭ تۇيۇقسىزلا ماڭا تەۋە بولغانلىقىغا ئىشىنەلمەيۋاتقان ئادەمدەك ئەسەبىي ھاياجان بىلەن«ئۇششۇق،يىغلاڭغۇ،كەچكىچە يىغلاپلا يۈرگەن»دەپ ئۇنى يېنىك،تاتلىق تىللار بىلەن بەزلەۋاتاتتىم..

    ئاھ..تۇنجى مۇھەببەت

  • كېچىلەرگە ئۈسسۈپلا كىرىشنىڭ

    ئىسەدىگەن ئاي تىۋىشىنىڭ

    خەنجىرى پاتقان كۆكسۈمدىن

    بۇلدۇق-بۇلدۇق قان ئېقىشىنى

  •   

     

    ياشلانغان كۆزلەرنىڭ قاراقلىرىدا،

    ئوۋچىغا ئۇچرىغان كيىك نالىسى.

  •  

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى:بەرگىيە